PS تېخنىكىسى ئەركىن-ئازادە يايراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ

发布于 2021-01-03 04:42

...بۇ سۇپىدا پەقەت كۆرۈش سەزگۈسى سۆزلەيدۇ

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆزىمىزنى قويىۋەتكەن چېغىمىزدا، مېڭىمىزدە بەئەينى دۇلدۇل سامادا ئۇچقاندەك ئەركىن-ئازادە يايراپ كەتكەندەك تۇيغۇ ئەكس ئېتىشى مۇمكىن. بەلكىم ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن، ئاشۇ يالت قىلىپ ئۆتكەن كۆرۈنۈشلەر ئەسلىمىسىدە ساقلىنىپ، ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى قانداق قىلىپ مەيدانغا كەلتۈرۈشى بىلەن ھېسابلاشماسلىقى مۇمكىن.

بىراق ئاۋسترالىيەلىك سەنئەتكار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ مېڭىسىدە ئەكس ئەتكەن خىيالىي مەنزىرىلەرنى ئۆز ئەينەن قىلىپ، سۈرەت ئارقىلىق بىزگە نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ.

چوڭقۇر تاغ جىلغىسىدىكى قەلئە ۋە كۆلچەكتىكى كىچىك دۇنيا بۇ ئەسەرلەر فونساي فوسسومفانىڭ قولىدىن چىققان. ئۇ ھازىرقى زامان تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بىرىكمە فوتوگراف، PS ۋە سىزما قاتارلىق تېخنىكىلارنى بىرىكتۈرۈپ، رېئاللىقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شۇنچىلىك قىزىقارلىق: كەڭرى كەتكەن قاقاس يايلاق، چۈش كەبى ئاسمان، جىمجىت ئورمانلىق ۋە قىر - بۇرجەكلىرى ئېنىق چىققان ئىمارەت... بۇ كىشىلەرگە بەئەينى رېئاللىق بىلەن خىيال ئوتتۇرىسىدا ساياھەت قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

本文来自网络或网友投稿,如有侵犯您的权益,请发邮件至:aisoutu@outlook.com 我们将第一时间删除。

相关素材