2023-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛلەمدۇ

发布于 2022-05-20 08:29


ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ 2023-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:

2023-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 2023-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16-ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺗﻪﺱ. ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ 2023-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻛﯧﯖﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺟﻪﺯﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮪﯩﺒﺨﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﺳﺎﮪﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ!

ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻼﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، 2023-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 7-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ، ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ، ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ، ﭼﯘﯕﭽﯩﯔ، ﭼﯧﯖﺪﯗ، ﺷﯩﺌﻪﻥ، ﺩﺍﻟﻴﻪﻥ، ﭼﯩﯖﺪﺍﯞ، ﺷﻴﺎﻣﯧﻦ ﯞﻩ ﺳﯘﺟﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 10 ﺷﻪﮪﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﭘﯘﺩﯗﯓ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ، ﭼﯧﯖﺪﯗ ﻓﯧﯖﺨﯘﺍﯕﺸﻪﻥ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.


本文来自网络或网友投稿,如有侵犯您的权益,请发邮件至:aisoutu@outlook.com 我们将第一时间删除。

相关素材